UyghurMain Dictionary
باكۇنىن
دۇنيا تارىخى
(1814 - 1876). روسىيىلىك ئانارخىست. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1840-يىلى چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1848-يىلىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1851-يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ۋەتىنىگە قايتۇرۇلغان. تۈرمىدە كۆپ قېتىم <تۆۋىنامە> يازغان. 1857-يىلى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. 1861-يىلى ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1864-يىلى ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1864-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان. 1868-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان. دېموكراتلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ ھۆكۈمەتسىزىكنى تەرغىپ قىلىپ، ماركسىزمغا قارشى تۇرغان. ماركس «ئەگەر ئۇ نەزەرىيە جەھەتتە ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ دېيىلىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ سۇيىقەست، ھىيلە - مىكىر جەھەتتە ناھايىتى قابىلىيەتلىك» دەپ جىددىي كۆرسەتكەنىدى («ماركس، ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» 4-توم، خەلق نەشرىياتى 1972-يىلى نەشرى 395 - 396-بەتلەر). 1872-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەن. ئۇ پرۇدوننىڭ دۆلەت ۋە سىياسىي كۈرەشنى ئىنكار قىلىدىغان كۆز قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، سىنپىي زۇلۇمنىڭ يىلتىزى كاپىتال ئەمەس دۆلەت دەپ قاراپ، دېھقانلار ۋە سەرگەردان پرولېتارلارنىڭ ستېخىيىلىك قوزغىلىڭىغا تايىنىپ، «بارلىق» دۆلەتنى پاچاقلاپ تاشلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ پرولېتارىياتنىڭ تارىخىي رولىغا سەل قاراپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان؛ «شەخسنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىكى» نى پۈتكۈل ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئالىي مەقسىتى دەپ تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمەتسىزلىك ئىدىيىسى روسىيە نارودنىكلار ئىدىيىسىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى. كېيىنكى يىلللاردا ئۇ «گېرمانىيە مۇستەبىت ئىمپېرىيىسى ۋە ئىجتىمائىي ئىنقىلاب»، دۆلەت تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالەت روسىيە نارودنىكلار ئىدىيىسىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى. كېيىنكى يىللاردا ئۇ «گېرمانيە مۇستەبىت ئىمپېرىيىسى ۋە ئىجتىمائىي ئىنقىلاب»، «دۆلەت تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالەت» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.