UyghurMain Dictionary
باڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
خەتلىرى چوڭ يېزىلغان ئېلان، كۆپ ھاللاردا، ئىسىملىك، تىزىملىك ئېلان قىلىنىدۇ.
باڭ چىقارماق. * ئىمتىھان نەتىجىسىدىن باڭ چىقىپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قاداق.
بەش باڭ كېلىدىغان چايدان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بىر خىل ياغاچ ناغرا.
باڭ چالماق.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قىچقىرىلغان، ۋارقىرىغان ئاۋاز، سادا.
بۇ ۋەسۋاس ئىلە تۈن ئۆتۈپ ئاتتى تاڭ.
كى مۇرغى سەھەر ئول زەمان ئۇردى باڭ.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شاۋقۇن، يۇقىرى ئاۋاز، ئۈنلۈك،داراڭ - دۇرۇڭ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: تاۋۇش ئەيلەر سەھەر بولسا باڭ، كى بەلگۈردى يانە ئۆتەر كۈنگە تاڭ. (ئا. نىزارى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپچىلىككە بىلدۈرۈش ئۈچۈن چىقىرىلغان نەرسە.
تېلېۋىزوردا ئېلان كۆپ، بەزىلىرى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېلاندىن ئىككى نۇسخا:
ئەسلىي ئىسمىم ھۆزرە قىز بولۇپ، كېيىن زۆرەگۈل دېگەن ئىسىمنى قوللانغان، ھازىر يەنە ھۆزرەقىز دېگەن ئىسىمنى ئەسلىگە كەلتۈردۈم. ھۆزرە قىز.
نەنزىگۇ پەيچوسوسىدىن بېرىلگەن بەش كىشىلىك نوپۇس دەپتىرى ئىناۋەتسىز. ئەمىرخان. ياخشى مەيگە رىكلام كەتمەيدۇ. مەجلىسكە ئۇقتۇرۇش، چايغا بارغاق. ئىمتىھاننىڭ بېڭى چىقىپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پاڭ، ۋاڭ.
ئوغلان باڭ سىغتادى _ بالا پاڭڭىدە يىغىلدى.
3 - 484
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
ئېلان قىلىنغان تىزىملىك.
يازما چوڭ خەتلىك ئېلان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
جان ت. قاداق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېرىم مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قۇرۇق ياغاچتىن ئىچى كاۋاك قىلىپ ئويۇلغان، چوڭ ئىككى چوكا بىلەن ئۇرۇلىدىغان يەرلىك ياغاچ ناغرا.
باڭ چالماق.