UyghurMain Dictionary
باك سون مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
ۋيېتنامنىڭ شىمالىدىكى تاش قوراللار دەۋرى مەدەنىيىتى. يىل دەۋرى جەھەتتە خوئابىن مەدەنىيىتىدىن كېيىن تۇرىدۇ. ۋيېتنام لاڭ سون ئۆلكىسىنىڭ باك سون رايونىدا بايقالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەتنىڭ تىپىك ئىزلىرى بىن گيالۇ ۋە لى پى دېگەن يەرلەردە تپىلغان. قالدۇق نەرسىلەر ئاساسلىقى ھاڭ تاش ئۆڭكۈرلىرىدىن تېپىلغان بولۇپ، قارا تاشتىن سوقۇپ ياسالغان تاش قوراللاردىن تاشقىرى، يەنە بىس چىقىرىلغان تاش قوراللار، سۆڭەك قوراللار ھەم قوپال ساپال قاچىلاردىن ئىبارەت. بۇ قوراللارنىڭ ئەڭ تىپىكى تۆت قىرلىق بىسلىق تاش پالتا بولۇپ، باك سون تاش پالتىسى دەپ ئاتالغان.