Uyghur主要词典
زىخ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كاۋاپ پىشۇرۇش ياكى بىرنەرسىنى تېشىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان، مېتال ياكى ياغاچتىن بىر ئۇچى ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان سايمان.
زىخقا گۆش ئۆتكۈزمەك. كاۋاپقا زىخ تەييارلىماق.
تونۇردىن نان قومۇرۇش ۋە ئائىلىلەردە ئوچاقنىڭ ئاستىنى كولاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇچى ئىلمەك تۆمۈر سايمان.
ھارۋا جابدۇقلىرىنى ياساشتا بوغىنىڭ ئىچىگە پاخال تىقىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچى ئاچا سايمان.