Uyghur主要词典
زىچلىق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئارىلىق زىچلىق.
شالاڭلىق
ئارىلىق تارقاقلىق.
بۇغداي قويۇقلۇقتىن، قوناق شالاڭلىقتىن. نوپۇسنىڭ زىچلىقىدا ئەڭ چوڭ شەھەر - شياڭگاڭدا، ھەر كۋادرات كىلومېتىرغا 4500 ئادەم توغرا كېلىدۇ، نوپۇسى ئەڭ شالاڭ مەملىكەت مۇڭغۇلىيىدە، ھەر كۋادرات كىلومېتىرغا 5.1 ئادەم توغرا كېلىدۇ. دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىقى ھەر كۋادرات كىلومېتىرغا 2.40 ئادەم توغرا كېلىدۇ.
فىزىكا بىلىملىرى
ئۈستەل ياغاچتىن ياسىلىدۇ، ئاليۇمىن قوشۇق ئاليۇمىندىن ياسىلىدۇ. ياغاچ ماتېرىيال، ئاليۇمىن قاتارلىق جىسىمنى تەشكىل قىلغان بۇ خىل ماتېرىياللار ماددا دەپ ئاتىلىدۇ. جىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ماسسا دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەگەر ئوخشاش بىر خىل ياغاچ ماتېرىيالى ئىشلىتىلسە، بىر ئۈستەلگە ئىشلىتىلگەن ياغاچ ماتېرىيالى بىر ئورۇندۇققا ئىشلىتىلگەن ياغاچ ماتېرىيالىدىن كۆپ بولىدۇ، شۇڭا ئۈستەلنىڭ ماسسىسى ئورۇندۇقنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ. ھەجمى ئوخشاش بولغان تۆمۈر پارچىسى بىلەن ئاليۇمىن پارچىسىنى تارازىغا سالغاندا، تۆمۈر پارچىسىنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭ، ئاليۇمىن پارچىسىنىڭ ماسسىسىنىڭ كىچىك بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
يەر يۈزىگە ياتقۇزۇلغان تىك تۆت تەرەپلىك بىر پارچە گرانىت خاتىرە تاشنى بىر تال بېتون دۈگىلەك تۈۋرۈك بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنى ئۆلچەش قورالى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىش كېرەك؟
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئوخشاش بىر خىل ماددىدىن ھەجمى چوڭراقىنىڭ ماسسىسىمۇ چوڭراق بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ماسسىسى تەكشى بولغان ئوخشاش خىل ماددىنىڭ بىرلىك ھەجىمدىكى ماسسىسى ئوخشاش بولىدۇ. مەسىلەن،2 كۇپ مېتىر سۇنىڭ ماسسىسى 2000kg ، بەش مېتىر كۇپ سۇنىڭ ماسسىسى 5000Kg بولىدۇ، ئۆلچەشلەر كۇپ مېتىر سۇنىڭ ماسسىسىنىڭ gk1000 بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. فىزىكىدا مەلۇم خىل ماددىنىڭ بىرلىك ھەجىمدىكى ماسسىسى شۇ خىل ماددىنىڭ زىچلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
زىچلىق ماددىلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، ھەربىر خىل ماددىنىڭ مۇئەييەن زىچلىقى بولىدۇ. ئالتۇننىڭ زىچلىقى چوڭراق بولىدۇ، ھەر كۇب مېتىر (m3) ئالتۇننىڭ ماسسىسى gk19300 كېلىدۇ. ھىدروگېننىڭ زىچلىقى كىچىكرەك بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا، ھەر كۇب مېتىر ھىدروگېننىڭ ماسسىسى 0.09kg كېلىدۇ. ھەر خىل ماددىنىڭ زىچلىقىنىڭ سانلىق قىممىتىنى فىزىكا قوللانمىسىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ.
ماددىنىڭ زىچلىقىنى بىلگەندە، بىرلىك ھەجىمدىكى ماددىنىڭ ماسسىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر يەنە ئامال قىلىپ ماددىنىڭ ھەجمىنى بىلگەندە، زىچلىقىنى ئۇنىڭ ھەجمىگە كۆپەيتكەندە كېلىپ چىققان سانلىق قىممەت ماددىنىڭ ماسسىسى بولىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ گرانىت خاتىرە تاش بىلەن بېتون دۈگىلەك تۈۋرۈكنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ.
سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا، دائىم زىچلىق ئارقىلىق ماددىلار پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھۈنەر - سەنئەت (تېخنولوگىيە) بۇيۇملىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ساپ ئالتۇننىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، ھەقىقىي - ساختىلىقىنى ئاسانلىقچە ئايرىغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ زىچلىقىنى ئۆلچەپ چىقىپ، ئۇنى ئالتۇننىڭ زىچلىقىغا سېلىشتۇرغاندىلا، ھەقىقىي ياكى ساختىلىقىنى دەرھال پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زىچ بولغان ھالەت، قويۇۇقلۇق.
بىرلىك كۆلەمدە ئۆسكەن دەرەخ ماتېرىيال زاپىسىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدىغان كۆرسەتكۈچ.
<فىز> ماددىنىڭ ماسسىسى بىلەن ئۇنىڭ ھەجىمىنىڭ نىسبىتى. ماددا ئۆز ئىچىگە ئالغان ماسسا كۇب سانتمېتىر گرام بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
<كىنو> نۇر سەزگۈرلۈكىنىڭ ئۆلچەنگەن مىقدارى.