Uyghur主要词典
زور ئۇچۇش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازابۇ - ئاۋىئاتسىيە خادىملىرىدىن قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ زور ئۇچۇش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتىنىڭ نورمال تەرتىپى ۋە ئاۋىئاتسىيە ترانسىپورتىنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ زور ئۇچۇش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولۇپ، ئاۋىئاتسىيە خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيكېتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
131 - ماددا ئاۋىئاتسىيە خادىملىرىدىن قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ زور ئۇچۇش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلىنىشى ياكى ئادەم ئۆلۈشنى پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。