Uyghur主要词典
زورايماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ بولماق، بارغاسېرى زور بولماق.
قۇرت سۇردا كۆپىيەر، يامانلىق ھۇرۇنلۇقتا چوڭىيار. زورىغا زورايغان ئۇزۇنغا بارمايدۇ. يوغىنىغان دەرەخ ئىلدامراق سۇنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يوغىنىماق، ئۆسمەك، يېتىلمەك، چوڭايماق؛ ئاينىماق.
بالىلارنىڭ يېشى زورايغانسېرى يېقىن كېلەچەك چېگرىسىنى يىراقلاشتۇرۇپ بېرىش لازىم.
جىقلىماق، ئاۋۇماق، كۆپەيمەك.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى زورايدى.
تەرەققىي قىلماق، كېڭەيمەك، راۋاجلانماق.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىلغارلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى.
كۈچەيمەك، ئاشماق.
غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىمىز بارغانچە زورايماقتا.