Uyghur主要词典
زور
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
چوڭ، كاتتا.
زور ۋەقە. * زور ھادىسە. * زور ئىنقىلاب
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
كۈچى بار، كۈچلۈك، قۇدرەتلىك
زور ئىرادە. * زور تىرىشچانلىق. * زامانە زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ(ماقالە).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بېسىم. مەجبۇرىيەت، مەجبۇر
مەن بۇ يەرگە ئۇنىڭ زورى بىلەن كەلدىم. * ئۇ چىرايلىق زور بىلەن كۈلكە يۈگۈرۈتۈپ گەپكە كىرىشتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
كۈچەپ
بۇ تاغارنى كۈچەپ كۆتۈرۈدۈم. * زورمۇزۇر ئىشلىگەن بىلەن بولمايدۇ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈچ، قۇۋۋەت، مادار؛ پالۋان، كۈچلۈك؛ زوراۋان:
بادە زورىندۇر ئەل ئىچرە باسى ئوتلۇغ فىغان،
يوقسە مەي گەر ئەرغەنۇن قاندىن چېكەر تۈرلۈك سەدا.
ئەرشى.
مەلامەت بىرلە ئارتار ئىشق پۇرشور،
نەچە تىيغان سايۇ ئانچە قىلۇر زور.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈچ، قۇۋۋەت، شىددەت؛ كۈچلۈك، زوراۋان: زوربازۇ - كۈچلۈك بىلەك؛ زورى بازۇ - كۈچ - قۇۋۋەت، بىلەك كۈچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆلىمى جەھەتتىن باشقىلاردىن ئارتۇق، كىچىك ئەمەس.
چوڭىنىڭ دەردى چوڭغىچە. چوڭنىڭ ئەقلى چوڭ. زورنىڭ زورلۇقى بار. يوغان سوزۇلار، ئىنچىكە ئۈزۈلەر. كاتتا ئىشىكنىڭ ئۈلگۈجىمۇ كاتتا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈچ - قۇۋۋەت تولۇق، قۇدرىتى بار.
ئىت ئىگىسى بىلەن كۈچلۈك. كۈچلۈك بىلەن تارتىشما، ئەقىللىق بىلەن ئېيتىشما. كۈچلۈكنىڭ ھەممىسىلا باتۇر بولماس. ئىتتىپاق بولغان قۇۋۋەتلىك بولار. قۇدرەتلىك كىشى گۇناھلىق بولماس. زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن يۇقىرى، ئۈستۈن.
كىچىك ، ئۇششاق ، مەيدە، ئۇۋاق
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن تۆۋەن.
ئۇرۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ. ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز. يوغان بېلىقنىڭ يېنىدا ئۇششاق بېلىققا كۈن يوق. ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق. باش كىچىك، تۇماق يوغان، بەكە كىچىك، غىلاپ يوغان. پۇتى كىچىك چاققاننى كىيەر، پۇتى يوغان تاپقاننى. كاتتىغا كاتتىچە، مەيدىگە مەيدىچە. ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ. ئوتۇن ئۇششىقى بىلەن كۆيەر. تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، كۈننى توسۇيالماس. بىلىملىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. ئۇلۇغ ئادەم بۈيۈك تاغقا ئوخشايدۇ.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
چېلىشچى، پالۋان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. چوڭ، ناھايىتى چوڭ، يوغان، كاتتا، ئۇلۇغ، بۈيۈك.
زور تاغ. زور ئۈمىد.
سۈپ. ناھايىتى جىق، نۇرغۇن.
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا دۈشمەنلەر زور چىقىم تارتتى.
سۈپ. كۈچى بار، كۈچلۈك، قۇدرەتلىك.
زور ئىرادە. زور تىرىشچانلىق.
زامانە زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ (ماقال).
رەۋ. كۈچ - قۇۋۋىتى يۇقىرى، قۇدرەتلىك، زەبەردەست.
زور چىقماق. زور كەلمەك.
ئۇ ھەقىقەتەن مەندىن زور كەلدى، ھەرقانچە قىلساممۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدىم.
ئى. بېسىم، مەجبۇرىيەت.
ئۇ چىرايىغا زور بىلەن كۈلكە يۈگۈرتۈپ گەپكە كىرىشتى.