Uyghur主要词典
زېمىن بېگى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە كاماكۇرا شوگناتى تۆرە زېمىنى ۋە قۇرۇقلاردا تەسىس قىلغان قۇرۇقچى. خبىئان مەزگىلىدە، زېمىن بېگى يەر ئاچىدىغان پومېشچىكلارنى كۆرسەتكەن. 1185 - يىلى مىناموتو يورىتومو گېنگى كيۇنى قوغلاپ تۇتۇشنى باھانە قىلىپ، مۇھاپىزەتچى ۋە زېمىن بېگى تەسىس قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ، تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭھوقۇقى يەرلەرنى باشقۇرۇش، يىللىق باج - سېلىق يىغىش، ئامانلىقنى ساقلاش ھەمدە قوشۇمچە لەشكىرىي ئوزۇق - تۈلۈك يىغىش بىلەن چەكلەنگەن. 1221 - يىلىدىكى ئۇكېفىسا توپىلىڭىدىن كېيىن، ئوردا تۆرىلىرى ۋە سامۇرايلارنىڭ 3000 دىن ئارتۇق قورۇق مۇسادىر قىلىنىپ، بۇلارغا ئايرىم - ئايرىم زېمىن بېگى تەسىس قىلىنغان. ئەسلىدىكى زېمىن بەگلىرى <بۇرۇن بەلگىلەنگەن زېمىن بەگلىرى> دەپ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زېمىن بەگلىرى <يېڭىدىن ئىلتىپات قىلىنغان زېمىن بەگلىرى> دەپ ئاتالغان. زېمىن بەگلىرى ئەسلىدە قورۇق ئىگىلىرىدىن يىللىق ئىش ھەققى ئېلىپ تۇرغان، كېيىن بۇ قورۇق ئىگىلىرىگە بەلگىلىك مىقداردا يىللىق ھەق تۆلەشكە ئۆزگەرتىلىپ، قورۇق ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئىتى تارتىۋېلىنغان. قورۇقچى زېمىن بېگى تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ئارقىسىدا، كاماكۇرا شوگناتنىڭ تەسىر كۈچى كانتو رايونىدىن ھالقىپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى كونترول قىلغان. كاماكۇرانىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە زېمىن بېگى قورۇقنى ئۆز ئىلكىدە تۇتىدىغان خوجىدارغا ئايلىنىپ، قورۇق تۈزۈمىنى ساقلاشقا ئۇرۇنغان شوگناتلاربىلەن قارىمۇ قارشى بولۇپ، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى توپىلاڭنىڭ مەنبەسىبولۇپ قالغان. جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەردەۋرىدىن كېيىن، نامدا بار ئەمەلدە يوق بولۇپ قالغان. ئېدو دەۋرىدە، شوگناتقا بىۋاستە قاراشلىق بولغان جايلاردىكى خاتاموتو ۋە سىياگونلارنىڭ خوجىدارلىرى ۋە ۋاسساللار ئۆزىگە قاراشلىق جايلارغا تەقسىم قىلغان كىچىك خوجىدارلارمۇ زېمىن بېگى دېيىلگەن.