Uyghur主要词典
زېگلىر
دۇنيا تارىخى
(1898 - 1973) گىرمانىيىلىك خىمىك. ھېسسىن ئوبلاستىنىڭ كاسسىن دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى - كېيىن ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى، خاررې ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئاخىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1943 - يىلى ۋىلھېلىم خانلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى ماكىس پىلانكى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى) رور ئۆلكىسى كۆمۈر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئەركىن رادىكالنى تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ئورگانىك ئىشقارىي مېتاللار بىرىكمىسى ۋە ئالكىل لىتىي ئارقىلىق زېگلېر كاتالىزاتورىغا ئىگە بولغان. بۇ كاتالىزاتورنى قوللىنىپ 1953 - يىلى تۆۋەن بېسىملىق ئېتىلىن پولىمېرلىنىشىنى كەشىپ قىلغان. 1963 - يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.