Uyghur主要词典
زېمىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تېرىلغۇ قىلىنىدىغان ياكى تېرىلغۇ قىلىشقا بولىدىغان جاي.
يەر - دېھقانغا قۇت، ھورۇنغا جۇت. ئاتاممۇ يەر، ئاناممۇ يەر. يەر - قاققان قوزۇق. شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 650 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. 14 مىليون نوپۇس بويىچە ھېسابلىغاندا ھەربىر كۋادرات كىلومېتىر يەرگە 6.8 ئادەم توغرا كېلىدۇ. لېكىن تېرىلغۇ قىلىشقا بولىدىغان يەر كۆپ ئەمەس. زېمىن - ھوسۇلنىڭ ئانىسى، ئەمگەك - ھوسۇلنىڭ ئاتىسى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يەر شارى، يەر يۈزى.
ئاسمان، كۆك
يەر ئۈستىنى قاپلاپ تۇرغان ھاۋا رەڭ بوشلۇق.
ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، يەرگە ئۇرۇپتۇ. ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق، ئۆلەي دېسەم قان تاتلىق. ئاسمانغا قارا، يەرنى ئويلا. ئاسماننىڭ قۇشىنى يەرنىڭ يېمى ھالاك قىلىدۇ. ئاسمان يەرگە ياخشىلىق ياغدۇرىدۇ، يەر ئاسمانغا توزان توزدۇرىدۇ. كۆكتىن ئىزلىگەننى يەردىن تاپتىم. قۇش بالىسى كۆككە قارايدۇ، قوي بالىسى يەرگە. ياخشى بىلەن ياماننىڭ ئاسمان - زېمىن پەرقى بار. تۆگىنى بوران ئۇچۇرسا، ئۆشكىنى ئاسماندا كۆر. كۆك ئاسماننىڭمۇ كۆزى بار. تاجغىمۇ، تەختكىمۇ ھېچ بولما موھتاج، يەرنى تەخت بىل، ئاسماننى تاج.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يەر شارى، يەر يۈزى، تۇپراق.
كەڭ زېمىن.
كۈن زېمىننى يورۇتار، بىلىم مېڭىنى (ماقال).
تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغان يەر؛ ئېكىنزارلىق.
قاراڭ، ئاۋۇ تەرەپ چەكسىز مۇنبەت زېمىن، پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىق.
ئولتۇراق جاي؛ ئىگىدارچىلىقتىكى يەر.
بۇ ھويلا تۆمۈر خەلپىلەرنىڭ ئۆز زېمىنى ئىدى.
كۆچمە. قولايلىق شەرت - شارائىت، ئىمكانىيەت.
ئالدىنقىلار بىزگە زېمىن ھازىرلاپ بەردى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
<زەمىن>