Uyghur主要词典
زەمزەم زىيارىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەج قىلىدىغانلارنىڭ زەمزەم بۇلىقىنى يوقلاش پائالىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ پائالىيەت قەبرە يوقلاش بىلەن ھەج تاۋاپ قىلىش مۇراسىمىنى تاماملىغاندىن كېيىنكى دىنىي پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت قىلنىشىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى بۈۋى ھەجەر سۇ ئىزدەپ سەفا بىلەن مەرۋە ئوتتۇرىسىدا سەيئىي قىلغاندا، ئوغلى ئىسمائىل ئۇسساپ كېتىپ تىپىچەكلەپ يىغلىغاندا ئۇنىڭ سوڭى ئويۇۋەتكەن يەردىن بۇلاق سۈيى چىققان. مۇسۇلمانلار بۇ بۇلاقنى مۇقەددەس بۇلاق، بۇلاقنىڭ سۈيىنى مۇقەددەس سۇ، دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ھەج قىلغانلار يۇرتىغا زەمزەم سۈيى ئالغاچ كېلىپ، ئەل - ئاغىنە، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا سوۋغا قىلىپ، قۇتلۇق نەرسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ.