Uyghur主要词典
زەمزەم بۇلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
كەبىنىڭ يېنىدىكى بىر بۇلاقنىڭ نامى. قەدىمكى ئەرەب رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى بۈۋى ھەجەر ئوغلى ئىسمائىلنى ئېلىپ مەككىگە يېقىن كەلگەندە سۇ ئىزدەپ، سەفا بىلەن مەرۋەدىن ئىبارەت ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدا يەتتە قېتىم سەئىي قىلىپ سۇ تاپالمايدۇ. ئىسمائىل ئۇسساپ كېتىپ يىغلاپ تېپىچەكلىگەن جايدىكى تاشلار ئارىسىدىن بۇلاق سۈيى چىقىدۇ شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بۇلاق «زەمزەم بۇلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ.