Uyghur主要词典
زەمبىلگە چۈشمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورۇنسىز مۇتتەھەملىك قىلماق، بېزىرىپ تۇرماق.
ئۇنىڭغا گەپ قىلما، ھېلى بىكار زەمبىلگە چۈشىدۇ. ئۇ ئەسكى ئادەم، ئۇششۇق ئادەم، ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق ئۇششۇقلۇق قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
قىماردا ئۇتتۇرۇپ ياكى تىجارەتتە زىيان تارتىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قالغاندا، ئۇ ئىشنى ئىككىنچى قىلماسلىققا ئامما ئالدىدا قەسەم قىلىپ قەرزىنى تۆلىمەي يېتىۋالماق، ئۆلۈكىنى ئارتماق: قاسىم نۇرغۇن پۇل ئۇتتۇرۇپ قويۇپتىكەن، ئاڭلىساق زەمبىلگە چۈشۈپ يېتىۋاپتۇمىش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قىماردا ئۇتتۇرۇپ، ياكى تىجارەتتە زىيان تارتىپ جىق قەرزدار بولۇپ قالغاندا، قەرزنى تۆلىمەي يېتىۋالماق؛ ئۆلۈكىنى ئارتماق.
قاسىم نۇرغۇن پۇل ئۇتتۇرۇپ قويۇپتىكەن، ئاڭلىساق زەمبىلگە چۈشۈپ يېتىۋاپتۇمىش، ئەمدى ئوينىمىغۇدەك.