Chinese→Uyghur主要词典
在希腊
دۇنيا تارىخى
بۈيۈك گرېتسىيە
قەدىمكى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى گرېكلار ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ ئاتىلىشى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرگىچە گرېكلار بۇ يەردە (بولۇپمۇ دېڭىز ياقىسىدا) مۇستەملىكىچى شەھەرلەرنى كۆپلەپ قۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە تارېنتۇم، سيبارس، كروتون، ھېراكلېيە قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلەر بارئىدى؛ غەربىي دېڭىز ياقىسىدىكى (كەنبانىيە چېگرىسىدىكى) كومې، نېئاپول قاتارلىق شەھەرلەرمۇ شۇ جۈملىگە كىرىدۇ. بەزى يازغۇچىلار(مەسىلەن، سىتىرابو) <بۈيۈك گرېتسىيە>نىڭ دائىرىسىنى سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى گرېك مۇستەملىكىچى رايونىغىچەكېڭەيتكەن، ئۇ يەردە گرېكلاركورىنسلار قۇرغان چوڭ شەھەر شوراگو بار ئىدى. گرېكلارنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ گرېتسىيە مەدەنىيىتى ئىتالىيىنىڭ دەسلەپكى ئاھالىلىرى (رىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىردە رىم ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن ئارقائارقىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ئۆز زىمىنىغا قوشۇۋالغان. <بۈيۈك گرېتسىيە> دېگەن نامنى سىسېرۇ، لىۋىي قاتارلىقلارمۇ ئىشلەتكەن.