Uyghur主要词典
ئىزنە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، تۆۋەندىكى مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئىجازەت « قۇرئان كەرىم» دە : « ھېچ كىشى ئاللانىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ . . . » ( 3 _ سۈرىنىڭ 145 _ ئايىتىدىن ) دېيىلگەن. (2) بۇيرۇق. « قۇرئان كەرىم » دە: « بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى پەقەت ئىتائەت قىلىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق . . . . » ( 47 _ سۈرىنىڭ 64 _ ئايىتىدىن ) دېيىلگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىچە، ئۆز ھاياتىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاپەت ۋە ئامەتنى ئاللانىڭ ئىزنىسى بەلگىلەيدۇ.