Uyghur主要词典
ئىزھار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاشكارا بولۇش، مەلۇم بولۇش؛ كۆرۈنۈش؛ كۆرسىتىش:
نەچە سۆزلەركى يازدىڭ بىخۇدانە،
جەھان فانلىغىنى ئەيلەپ ئىزھار.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆرسەتمەك، ئاشكارا قىلماق، بىلدۈرمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز قارىشى، پىكرى ۋە مەيدانىنى، تىلەك - ئارزۇلىرىنى ۋە باشقىلارنى سۆز بىلەن بىلدۈرمەك.
«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىرى بايان قىلىش ھوقۇقى يوق. مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتا كۆز ئېغىزدىن چاققان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئاشكارىلىماق، ئوچۇقلاشتۇرماق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئوچۇقلاشتۇرماق