Uyghur主要词典
ئىزمىلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىزمىگە ئۆتكۈزمەك ياكى ئىلماق؛ ئىزمىگە ئۆتكۈزۈش ياكى ئىلىش ئارقىلىق ئەتمەك.
چىپەرقۇت تۇجۇركامنىڭ تۈگمىلىرىنى كېكىردىكىمگىچە تاقاپ ئىزمىلەۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ نەنى نىشانلاپ كېلىۋاتقانلىقىم گۈپپىدە يادىمغا چۈشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ دەسسىگەن ياكى تەگكەن ئىزى؛ بەلگە.
ئۇ كالاچ سېپىۋالغان ئاياغلىرىنى كىيىپ كونا تام ئىزناسى بىلەن يېڭى تام ئارىلىقىنى ماڭداپ چىقتى.
قالدۇق ئىز.
بۇرۇن ياسىغان يوللارنىڭ يامغۇر - يېشىندا ئىزناسى قالمىدى.
رەسىم ياكى جىسىمنىڭ سىرتقى گىرۋەكلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى سىزىق؛ ئومۇمىي كۆرۈنۈش؛ دائىرە.
ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئىزناسىنى سىزىپ چىقاردى.
<ئارخېئول> تاش ئويما، مىس قورال قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ شەكلى ۋە ئۈستىدىكى رەسىم، يېزىق قاتارلىقلارنىڭ قەغەز يۈزىگە بېسىپ چىقىرىلغان ئىزى.
كۆچمە. دىر.
ئىزناسىنى قايتۇرماق. ئىزناسىنى چىقىرالماسلىق.