Uyghur主要词典
ئۈچ ئەۋلاد بىر كىشىلىك قانۇنى
领域: دۇنيا تارىخىياپونىيە نارا دەۋرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى. مادارادا يەر كېسىپ بېرىش قانۇنىنى قوغداش ئۈچۈن مىلادى 237 - يىلى (ياڭلاۋ 7 - يىلى) بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان. بۇ قانۇندا بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر يېڭىدىن ئېرىق چېپىپ، كۆل ياساپ بەرپا قىلغان يەرلەرنى ئوغلىغا، نەۋرىسىگە، چەۋرىسىگە قالدۇرۇشقا يول قويۇلىدۇ؛ ئەسلىدىكى ئېرىق، كۆلدىن پايدىلىنىپ يەر ئاچقۇچىلارنىڭ يېرى پەقەت ئۆزىنىڭ تېرىشىغا يول قويۇلۇپ، كېيىن جامائەت يېرى قاتارىدا قايتۇرۇۋېلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. يەر ئومۇمنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان چاغدا، يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر يەرنى ئاق تاشلىغاچقا ئۈنۈمى چوڭ بولمىغان، يەرنى شەخسىي مۈلۈك قىلىۋېلىش ئىشىمۇ شۇنىڭ بىلەن كېڭەيگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。