Uyghur主要词典
ئۈچ ئاخۇنلۇق تۈزۈم
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى خۇيزۇلارنىڭ مەسچىت تەۋەسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇپ، «ئۈچلۈك تۈزۈم» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ تۈزۈمدە ئىمام، خەتىپ، مۇئەززىندىن ئىبارەت ئۈچ خىل دىنىي ۋەزىپە تەسىس قىلىنىدۇ. ئىمام قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا، ئىماملىق قىلىشقا، دىنىي پائالىيەتلەرگە ۋە دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار (مەسىلەن، ۋەخپە، مەسچىتنىڭ يەر - زېمىنى، قەبرىستانلىق قاتارلىقلار) نى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، مەسچىتنىڭ ئالىي مەسئۇلى ھېسابلىنىدۇ. خەتىب ئىمامغا ياردەملىشىدۇ، ئىمامنىڭ ئورنىدا ۋەز ئېيتىدۇ، ئەمىر مەرۇپ قىلىدۇ؛ مۇئەززىن ئەزان ئېيتىشقا مەسئۇل بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جارۇپكەش بولۇپ، مەسچىتنىڭ قارا ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. چوڭراق مەسچىتلەردە ئىمامدىن باشقا، يەنە بىر نەچچە ئاخۇن تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۈچ ئاخۇننى دەسلەپ جامائەت سايلىغان، تەكلىپ قىلغان، كېيىن ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن، ئاندىن تەدرىجىي ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدىغان بولغان. ئاخۇنلارنىڭ نامى ھەرقايسى دەۋلەردە ۋە رايونلاردا پەرقلىق بولغان.