Uyghur主要词典
ئۈچ بەگلىك ھەققىدە خاتىرە
领域: دۇنيا تارىخىكىتاب ئىسى. چاۋشيەننىڭ سىللا، پېكچى، كورىيىدىن ئىبارەت ئۈچ بەگلىكىنىڭ ئىش - ئىزلىرى توپلانغان كىتاب. كۇرىيىلىك راھىب يى رەن (1206 - 1289) چىڭشاڭ ئۆلكىسىنىڭ جاجى تېغىدىكى لىڭجياۋ ئىبادەتخانىسىدا خەنزۇچە يېزىپ چىققان. جەمئىي بەش جىلد بولۇپ، خاندانلىقنىڭ تارىخى، ياتلار خاتىرىسى، قانۇننى گۈللەندۈرۈش، مۇنار - بۇت، تەپسىر، ئىلاھىي ئەپسۇن، ھېسسىيات، پەرھىز، ۋاپادارلىق - ياخشىلىق قاتارلىق توققۇز پارچىغا بۆلۈنگەن. كىتابتا بۇددا دىنىغا دائىر ئىشلار كۆپرەك تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، نۇرغۇن مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللارمۇ كىرگۈزۈلگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。