Uyghur主要词典
ئۈچۈنچ
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈچىنچى.
1 - 178
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈچىنچى.
دەرىجە سان. بۇ بىر قائىدە، ئۇ مۇنداق بولىدۇ: ئوندىن تۆۋەن بولغان سانلاردا تەرتىپ جەھەتتە ئۆزىدىن ئىلگىرىكى سانغا ئەگەشكەنلىك مەنىسى ئىپادىلەنمەكچى بولسا، ساننىڭ ئۆزىگە « _ نچ» قوشۇلىدۇ: « تۆرتۈنچ _ تۆتىنچى»، « بېشىنچ _ بەشىنچى» دېگەنگە ئوخشاش. بۇ سۆزلەرنىڭ ئەسلى « تۆرت _ تۆت» ۋە « بېش _ بەش» تۇر. دېمەك، دەرىجە سان مەنىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا « _ نچ» قوشۇلغان.
ئونلۇق سانلاردىمۇ تەرتىپ سانى يۇقىرىدىكى ئۇسۇلدا ياسىلىدۇ: « ئونۇنچ _ ئونىنچى»، « يىگىرمىنچ _ يىگىرمىنچى» دېگەنگە ئوخشاش. چۈنكى يىگىرمىنچى ئون توققۇزنىڭ داۋامىدۇر. بۇ ئومۇمىي بىر قائىدىدۇر.
3 - 608