Uyghur主要词典
ئۈچۈن
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈچۈن.
ئىش - ھەرىكەتنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرگۈچى ياردەمچى سۆز. سېنىڭ ئۈچۈن كەلدىم _ سېنىڭ ئۈچۈن كەلدىم.
1 - 104
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
نەرسىنىڭ كىمگە، نېمىگە ئاتالغانلىقىنى، بېغىشلانغانلىقىنى ياكى كىمنىڭ، نېمىنىڭ پايدىسىغا، مەنپەئىتىگە بېجىرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ھەممە نەرسە خىزمەت ئۈچۈن.
ئىش - ھەرىكەتنىڭ نېمە مەقسەتتە بېجىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
يار ئۈچۈن يېگەن تاياقنىڭ يارىسى يوق (ماقال).
ئىش - ھەرىكەتنىڭ بېجىرىلىشىدىكى ئاساس ياكى سەۋەبنى بىلدۈرىدۇ.
نېمە ئۈچۈن. شۇنىڭ ئۈچۈن.
يامغۇر ياغقانلىقى ئۈچۈن كېچىكىپ قالدىم.
بىرەر ئىشنىڭ، مەسىلىنىڭ ياكى پىكىرنىڭ كىمگە، نېمىگە نىسبەتەن ئېيتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
تىرىشىپ ئۆگىنىش ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.