Uyghur主要词典
ئۈچەي قورساقلىقلار
بىئولوگىيە
ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى دېڭىز بۇلۇتلىرى (كۆپ تۆشۈكلۈك ھايۋانلار) غا قارىغاندا سەل يۇقىرى دەرىجىلىكرەك بولغان بىر تىپ. تېنى خالتىسىمان، ئادەتتە رادىئال سىممېترىك. تېنىنىڭ بىر ئۇچىدا بىر چوڭ تۆشۈك يەنى ئاتالمىش <ئېغىزى> بولىدۇ. سۇ ۋە ئوزۇقلۇق يەم - خەشەكلەر ۋە ھەزىم قىلىنمىغان قالدۇقلارنىڭ ھەممىسى <ئېغىز> ئارقىلىق بىردىنبىر ئىچكى بوشلۇقتا ھەزىم قىلىنىپ ئايلىنىش بوشلۇقىغا كىرىپ چىقىدۇ. ئېغىزنىڭ ئەتراپىدا رادىئالسىمان جايلاشقان سېزىش بارماقچىلىرى بولىدۇ. بەدەن دىۋارى ئىككى قەۋەت ھۈجەيرە ۋە ئۇلارنىڭ ئارىلىقىدىكى ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى يوق بولغان ئوتتۇرا كوللوئىد قەۋىتىدىن تۈزۈلگەن. ئاددىي توقۇلمىلار دىففېرېنسىيىلىنىكە باشلىغان بولۇپ، دەسلەپكى مۇسكۇل تۈزۈلۈشى ۋە دەسلەپكى نېرۋا سىستېمىسى بولىدۇ، ئېكتوبلاست سېزىش بارماقچىلىرىدا بىر خىل ئالاھىدە سانجىش ھۈجەيرىسى بولۇپ، سانجىش يىپچىلىرىنى ئاغدۇرۇپ چىقىرىپ توكسىن تارقىتالايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئوزۇقلۇقلارنى ئۆلتۈرۈپ تۇتالايدۇ ۋە كۈشەندىلىرىگە ھۇجۇم قىلالايدۇ. ئادەتتە ئۇلارنى گىدرا تىپىدىكىلەر ۋە مېدۇزا تىپىدىكىلەر دەپ ئىككى خىل ئاساسلىق مورفولوگىيىلىك تىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ. گىدرا تىپىدىكىلەر سىلىندىرسىمان، بىر جايدا مۇقىملىشىپ ياشاشقا ماسلاشقان؛ مىدۇزا تىپىدىكىلەر لەيلەپ ياشاشقا ماسلاشقان بولۇپ، ئادەتتە تەخسە شەكىللىك بولىدۇ. بىر تەنە شەكىللىرى، بىر تەنە ئىككى شەكىللىك ياكى كۆپ شەكىللىرىمۇ بولىدۇ. بۆلۈنۈپ ياكى بىخلىنىپ كۆپىيىدۇ. جىنسسىز ۋە جىنسلىق كۆپىيىپ ئىككى ئەۋلاد بويىچە دەۋر قىلىنىدۇ. ئادەتتە گىدرالار سىنىپى، كۈنلۈكسىمان مېدۇزىلار سىنىپى، مارجانلار سىنىپى دەپ ئۈچ سىنىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئاز ساندىكى تۈرلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا (مەسىلەن، قالپاقلىق مېدۇز) ياكى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى (مەسىلەن، قىزىل مارجان) قىلىشقا بولىدۇ. پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈچەي قورساقلىقلارنىڭ دورا - دەرمەك مەنبەسىدىكى ياكى باشقا جەھەتلەردىكى رولى ئۈستىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىشكە ئەرزىيىدىغانلىقى بايقالدى.