Uyghur主要词典
ئۇدۇم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەلق ئىچىدە ئۇزاق زامانلاردىن كېلىۋاتقان، ئادەتكە ياتىدىغان بىرخىل پىسخىك ھالەت.
ئېرىنچەك ئىرىمنى بىلمەيدۇ. ئىرىم - ئەلنىڭ ئادىتى. ئاتاڭنىڭ ئۇدۇمىنى تاشلىما. ھوشۇرخان قولى يېنىك، ئۇدۇمى بار موماي.
شىۋىلەر
ئادەت، رەسىم، ئەنئەنە؛ ئىرسىيەت؛ مەخپى رېتسېپ. مەسىلەن: بۇ ئىش ماڭا ئۇدۇم بولۇپ قالدى؛ بۇ ماڭا ئاتا - بوۋامدىن قالغان ئۇدۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئومۇم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تەرتىپ، ئادەت، رەسىم؛ ئەنئەنە.
بالىنى بۆشۈككە سېلىش تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇدۇمىدا بىر خىل ئادەت قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن.
ھەربىر شەخسنىڭ ئۆزىگە خاس ئادىتى، ئىرسىيىتى؛ مەشغۇلاتى، كەسپى.
قېنى، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇدۇمىنى ئاپتۇمۇ - يوق، بىر كۆرۈپ باقايلى.