ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا[يەشمىسى:] ① ھەر ئىككى دۇنيا، ھازىرقى ياشاۋاتقان دۇنيا ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى دۇنيا:[مىسال:] سىلىدىن ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا خۇش بولۇپ كېتەتتىم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسلا، ھەرگىز، مەڭگۈ:[مىسال:] سەن قىلىۋالدىم دەپ ئويلاپ قالما، بۇ ئىشلار ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا ئېسىمدىن چىقمايدۇ، دېدى ئۇ غەزەپ بىلەن.