Uyghur主要词典
ئۇدۇل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قايتىش، چېكىنىش، چەتكە چىقىش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆچمەك، چەتكە كەتمەك، يولدىن چىقماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر يۆنىلىش، توپتوغرا بارىدىغان.
بىلىم يولىدا ئۇدۇل كوچا يوق. ئۇتتۇر ماڭغان تېز بارىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەت ئاتالغۇسى بولۇپ، ھەق تەلەپ، سودا - سېتىق دەۋاسىدىكى كەسپىي گۇۋاھچى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇنداق قىلىش Ⅷ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. بۇنداق ئادەملەر ئەخلاق جەھەتتە ئىناەتلىك ۋە سودا - سېتىق ئىشلىرىغا پىششىق بولۇپ، مەھكىمە شەرئىنىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولغاچقا، پۈتۈشكەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا خاتىرە يازغان، ۋاسىتىچى بولغان ھەمدە مەھكىمە شەرئىدە گۇۋاھچى بولغان. كېيىن شۇنداق قىلىش كەسىپكە ئايلىنىپ، سودا - سېتىق دەۋالىرىدىكى گۇۋاھچى تۈزۈمىگە تەرەققىي قىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. مەلۇم نەرسىنىڭ ئۇتتۇرى، ئالدىغا جايلاشقان، ئۇتتۇر.
ئۇدۇل چىش.
ئالمىخاننىڭ ئۆيلىرى ئىچكىرىدىن - ئىچكىىرى، ئالمىخانغا سەپسېلىڭلار، ئۇدۇل چىشى تاشقىرى.
سۈپ. ئەگرى ئەمەس، تۈز؛ تىك.
توۋا دەيمەن، ئاشۇ ئون يىلغا بۈگۈن، كۈپكۈندۈز ھەممىنى باستى قارا. ئاچىمىز جەننەتكە ئۇدۇل يولنى دەپ، تاسلا قالدۇق كەتكىلى دوزاخ ئارا.
رەۋ. مەلۇم نىشانغا قاراپ، بۇرۇلماي، ئۇتتۇر.
ئۇ شۇندىن كېيىن ھەر قېتىم بازارغا ئاتىغان ئوتۇنلىرىنى ئۇدۇل مۇشۇ ئاشخانىغا ئەكېلىدىغان بولدى.
رەۋ. كۆچمە. تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن؛ ئۇتتۇرلا.
- بىز قاچانغىچە جىم ياتىمىز؟ - دېدى ھېلىقى كىشى گەپنى ئەگىتمەستىن ئۇدۇل سۆزلەپ.