Uyghur主要词典
ئۇچئۇت
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇغداي شارابى تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئېچىتقۇ. بۇ ئېچىتقۇ بىر مۇنچە دورا - دەرمەكلەردىن ئىبارە بولۇپ، بۇ دورىلار ئارپا ئۇندۇرمىسىنىڭ ئۇنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ خېمىر قىلىنىدۇ، بۇ خېمىر كېسىپ كۇمۇلاچ قىلىنىدۇ ۋە قۇرۇتۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن بۇغداي بىلەن ئارپا قاينىتىلىدۇ، ئاندىن ھېلىقى قۇرۇتۇلغان كۇمۇلاچتىن بىر دانىسى ئوبدان يانچىلىپ، قاينىتىلغان، بۇغدايغا تەكشى سېپىلىدۇ، ئاندىن كېيىن، بۇ بۇغداي پاكىز بىر نەرىسىگە ئورىلىپ، ئۈچ كۈنگىچە دۇملەپ قويۇلىدۇ. ئۈچ كۈن توشقاندىن كېيىن، تېخىمۇ ئوبدان دۇملىنىپ يېتىلىشى ئۈچۈن كۈپكە سېلىنىپ، ئون كۈن ساقلىنىدۇ. ئېچىپ يېتىلگەندە، ئۈستىگە سۇ قۇيۇلىدۇ. تىرىپى سۈزۇۋېلىنىغاندىن كېيىن قالغان سۇيۇقلۇق «بۇغداي شارابى» بولىدۇ.
1 - 70