Uyghur主要词典
ئۇچار چاشقان
بىئولوگىيە
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ غاجىلىغۇچىلار ئەترىتى، ئۇچار چاشقانلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دەرەخلەردە ياشايدىغان غاجىغۇچى ھايۋان، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 40 - 50 سانتىمېتىر، شەكلى تىيىنغا ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن ئالدى - كەينى پۇتلىرىنىڭ ئارىلىقىدا كەڭ ھەم يۇڭلۇق تېرە پەردىسى بولۇپ، شۇنىڭغا تايىنىپ دەرەخلەر ئارا پەسلەپ ئۇچىدۇ. قۇيرۇقى بەدىنىدىن ئۇزۇن بولۇپ، رولغا ئوخشاش لەيلەپ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى باشقۇرالايدۇ. دۈمبە قىسمىدىكى يۇڭلىرى قارا قوڭۇر بولۇپ، ئۈستىگە قىراۋغا ئوخشاش كۆكۈچ، ئاق رەڭلىك تۈك ئۇچلىرى پۈركەلگەن. قورساق تەرىپىدە كۆكرەك، مۈرە قىسمىدىن قورساق قىسمىغىچە سۇس قىزغۇچ رەڭلىك بولىدۇ. يىڭنە تۈكىنىڭ تۈۋى قىزغۇچ، ئۇچى ئاق. تاغ باغرىدىكى ئورمانلىق رايونلاردا ياشايدۇ. دەرەخ كامارلىرىغا ياكى ئۆڭكۈرلەرگە ئۇۋا سالىدۇ. كېچىسى، تولاراق تاڭ ئالدىدا ۋە گۇگۇمدىن كېيىن ھەرىكەتلىنىدۇ. مېۋە، ھاشارات قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئوزۇقلىنىش ھالىتى تىيىنگە ئوخشاش، يامىشىش ۋە لەيلەپ - پەسلەپ ئۇچۇشنى ئالماشتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەر پەسلىسە بىر كىلومېتىر يىراقلىققىچە لەيلەپ ئۇچالايدۇ. كۆپچىلىكى يالغۇز ھەرىكەتلىنىدۇ، ئۈچەككە كىرمەيدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق قۇڭۇر ئۇچار چاشقان بولۇپ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، سىچۇەن، گۇاڭشى، يۈننەن، تەيۋەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. قىزغۇچ پۇتلۇق ئۇچار چاشقاننىڭ گەندىسى دورا قىلىنىپ <ئۇچار چاشقان مايىقى> دېيىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە سۈنئىي بېقىش يولغا قويۇلدى. يۈننەندىكى تەيزۇ خەلقى ئادەتتە ئوۋلاپ گۆشىنى يەيدۇ، يۇڭ - تېرىسى چىرايلىق، بىراق تېرىسى پۇختا ئەمەس.