ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نەرسىلەرنىڭ باشلانغان ياكى تۈگىگەن يېرى، ئۈستى، بېشى.
ئۇچلۇق.* قەلەم ئۇچى.* يىپ ئۇچى.* مۇنارنىڭ ئۇچى.* دەرەخنىڭ ئۇچى. * ئۇچىغا چىقماق. * گەپنىڭ ئۇچىنىلا چىقىرىپ قويماق. * تىلنىڭ ئۇچىدىلا سۆزلەپ قويماق. * خېمىر ئۇچىدىن پېتىر (ماقال).* ئەگرى تاياقنىڭ ئۇچى بۇرنىڭنى يارار (ماقال). * يىڭنىنىڭ ئىككى ئۇچى تەڭلا ئۇچلۇق بولمايدۇ (ماقال).* تىلنىڭ ئۇچىغا كەلگەن سۆز - تالاي يەرگە كەتكەن سۆز (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
1. ئۇچىماق، ئۇچۇش. كۆكتە، ھاۋادا ھەرىكەتلەنمەك، پەرۋاز قىلماق.
قۇشلار جەنۇبقا ئۇچۇپ كەتتى. * ئۇچقۇر، ئۇچقۇچ. * توخو ئۇچسا تامغا قونار، لاچىن ئۇچسا تاغقا (ماقال).* ئۇچۇشتىن بۇرۇن چۈشۈشنى ئويلا (ماقال).
2. پارغا ئايلانماق. بېنزىن قاچىلانغان باكنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئەتمىسەڭ، بېنزىن ئۇچۇپ كېتىدۇ.
3. سۇنماق، ئۈزۈلمەك. چىنىنىڭ گىرۋىكى ئۇچۇپ كېتىپتۇ. * ئۇ جوغىسى ئۇچۇپ كەتكەن چەينەكتە چاي قۇيدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يىپ ئىگىرىش ئۈچۈن ئېتىلغان پاختىدىن تەييارلانغان پىلتە. ئۇچ ئىگىرمەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئۇچ ئەل - چېگرا، چېگرىدىكى ئەل.
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئۇچ
(«ا - ئېلىف» قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى.
1 - 49
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئۇچ.
نەرسىنىڭ ئۇچ، پۇتاق ئۇچى _ پۇتاق ئۇچى، شاخ ئۇچى.
1 - 62
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئۇچ ئېل _ چېگرا، چېگرىدىكى ئەل.
1 - 62
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىبىرەر نەرسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى. بويدا نە ئۇچ بار _ كىشىلەر توپى - قەبىلە (كۆپ بولغىنى ئۈچۈن) تۈگمەيدۇ.
ئوغۇزچە.
1 - 62
领域: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىئۇزاق
领域: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى