ئۇⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] [يەشمىسى:] Ⅲ ① شەخس ئالمىشىنىڭ بىرلىكى بولۇپ، ئۈستىدە سۆز بولۇۋاتقۇچىنىڭ ئادەم ياكى نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بارات تاشۋاينىڭ قولىدىكى راۋابنى ئالىدۇ، مۆمىن ئاكا ئۇنى ھاپاش قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② سۆزلىگۈچىگە بىرئاز يىراق بولغان ياكى سۆزلىگۈچى يىراق ھېسابلىغان ئادەم، نەرسە، ۋەقە ھادىسە قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] بۇ بۈگۈنكى گېزىتمۇ ياق، ئۇ كونا گېزىت.[يەشمىسى:] ③ ۋاقىت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، نىسبەتەن بىرئاز ئىلگىرىكى كونكرېت ۋەقەلىكنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ئۇ كۈنى مەن ئۇنىڭ يېرىم كېچىدە مۇشۇ باغقا كەلگىنىنى سېزىپ قالدىم.