ئۇⅠ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە ئالتىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتە يىگىرمە ئالتىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.[CRLF]«ئۇ» تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدا شەخسلىك ئالماش ۋە كۆرسىتىش ئالماش شەكلىدە قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: ① نۇزۇگۇم ئۇيغۇر قىزلىرىدىن چىققان قەھرىمان قىز، ئۇ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئەركىنلىك ۋە مۇھەببەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتەك ئېسىل روھنى قالدۇرۇپ كەتتى. (شەخسلىك ئالماش) ② ئۇ يولدا ماشىنلار كۆپ، (كۆرسىتىش ئالماش)[CRLF]«ئۇ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ئۇ∥ۇ»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ئۇ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ۇ∥ئۇ»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ئۇ».[CRLF]«ئۇ» تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلغاندا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولۇپ، ئۇ تىل ئورنى ۋە تىلدىكى رولى جەھەتتىن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتىن ئېگىز سوزۇق تاۋۇشتۇر.[CRLF][CRLF]«ئۇ»تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيىتى[CRLF][CRLF]1. ئىككىنچى بوغۇمى ئېگ??سوزۇق تاۋۇش «ئۇ» بىلەن كەلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ئىككىنچى بوغۇمى ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتسا «ئۇ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئەسلى ئۈچ بوغۇم بولىدىغان سۆزلەر ئىككى بوغۇم بويىچە قالىدۇ. مۇنداق سۆزلەر ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ ۋە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئوغۇل + ۇم = ئوغلۇم، ئورۇن + ئۇ = ئورنۇم[CRLF]2. پېئىل زامانلىرىنىڭ سوراق شەكىللىرىدە «مۇ» ئۇلانمىسى قوشۇلغاندىن كېيىن ياردەمچى پېئىل كەلسە، «مۇ» ئۇلانمىسىدىكى «ۇ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. يېزىقتا ۋە تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قالغىنى ئاساس قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]تونۇغان + مۇ + ئىدى = تونۇغانمىدى[CRLF]كۆرەر + مۇ + ئىكەن = كۆرەرمىكەن[CRLF]3. ئېگىز سوزۇق تاۋۇش بولغان «ئۇ» تاۋۇشى بىلەن باشلانغان سۆزلەردە «ئۇ» سوزۇق تاۋۇشىغا «ت، پ، چ، ك، ق، س، ش» ئۈزۈك تاۋۇشلىرى ياندىشىپ كەلسە، «ئۇ» سوزۇق تاۋۇشى جاراڭسىزلىشىدۇ، (تاۋۇش پەردىسى تىتىرىمەيدۇ)[CRLF]مەسىلەن: ئۇششاق ئۇستا، ئۇتتۇر…[CRLF]4. جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا «ۇ» باغلىغۇچىسى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلماي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]باغۇ بوستان، دادۇ پەرياد، ئەيشۇ ئىشرەت …