Uyghur主要词典
ئۇ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئالماش.
كۆرسىتىش ئالمىشى («ئول»<) سۈپەت ئورنىدا كېلىدۇ.
ئۇ كىشى، ئۇ جاي، ئۇندىن باشقا.* ئۇنىڭ ئۈستىگە. * ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيالىق دوست.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئالماش.
Ⅲ شەخس بىرلىك كىشىلىك ئالمىشى. ئىسىم ئورنىدا كېلىدۇ.
ئۇ قاچان كېلىدۇ؟ * ئۇنىڭ بىلەن كىنوغا باردىم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
يۈكلىمە.
1. مەنىداش قوش سۆزلەرنى باغلاپ، «ۋە» ئورنىدا كېلىدۇ.
بەختۇ سائادەت. * ماقالۇ تەمىسللەر. * تورغايۇ قۇشقاچلار.
2. ئەجەبلىنىشنى بىلدۈرىدۇ. ئوغۇل بالىمەن دەيسەن، ئوغۇل بالا ئىكەنسەنۇ، نېمىدىن قورقىسە؟!
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆرسىتىش ئالمىشى؛ يىراقنى، يىراقتىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ، مۇشۇ
كۆرسىتىش ئالمىشى؛ يېقىننى، يېقىندىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ قۇلاقتىن كىرىپ بۇ قۇلاقتىن چىقىپ كېتىپتۇ. بۇنى بىلمىگەن ئۇنى بىلەر. ئاشۇ كۈنلەر ھەممىنى بىزار قىلغان، مۇشۇ كۈنلەردە ھەممە خاتىرجەم.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئىمكانىيەتنى بىلدۈرگۈچى پېئىل
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە ئالىتىنچى ھەرپى ۋە شۇ ھەرپنىڭ نامى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
Ⅲ شەخس ئالمىشىنىڭ بىرلىكى بولۇپ، ئۈستىدە سۆز بولۇۋاچقۇچىنىڭ ئادەم ياكى نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بارات تاشۋاينىڭ قولىدىكى راۋابنى ئالىدۇ، مۆمىن ئاكا ئۇنى ھاپاش قىلىدۇ.
سۆزلىگۈچىگە بىر ئاز يىراق بولغان ياكى سۆزلىگۈچى يىراق ھېسابلىغان ئادەم، نەرسە، ۋەقە ھادىسە قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
- بۇ بۈگۈنكى گېزىتمۇ؟ - ياق، ئۇ كونا گېزىت.
ۋاقىت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، نىسبەتەن بىرئاز ئىلگىرىكى كونكرېت ۋەقەلىكنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
ئۇ كۈنى مەن ئۇنىڭ يېرىم كېچىدە مۇشۇ باغقا كەلگىنىنى سېزىپ قالدىم.