Uyghur主要词典
ئىتتىكلىمەك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سۈرئەت ئۆرلىمەك، ئاشماق.
ئاستىلىماق، ئاقىرىنلىماق
سۈرئەت تۆۋەنلىمەك، پەسلىمەك.
ئاتنىڭ يۈرۈشى ئاستىلىدى. مېڭىشىمىز بارغانسېرى ئاقىرىنلىدى. ھايات سۈرئىتى تېزلەۋاتىدۇ، ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. قوشۇنىمىزنىڭ يۈرۈشى چاپسانلىدى. كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلىشى ئىتتىكلەۋاتىدۇ. قېنى، ئىلدامراق بارايلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىتتىك، تېز ھەرىكەت قىلماق؛ تېزلەشمەك.
سۇ بارغانچە ئىتتىكلەپ ئوقتەك تېز ئاقاتتى.
كەسكىنلەشمەك، جىددىيلەشمەك.
جېدەل كۆپەيگەنسېرى، مېنىڭ ئەزەلدىنلا تەرسا مىجەزىم خۇددى چاقلىغان پىچاقتەك ئىتتىكلەپ كەتتى.
تېز سېتىلىدىغان بولماق، بازىرى چىقماق.
بىر ئاي بۇرۇن بازار يوق ئىدى ھازىر مالنىڭ سېتىلىشى بىرئاز ئىتتىكلىدى.
ئۆتكۈرلەشمەك.
پىچاقنى بىلىسەم ئىتتىكلىدى.