Uyghur主要词典
ئىتتىك
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت. ئۆتكۈر، شەمشەر. ئانتونىمى: گال.
پىچاق ئىتتىك بولسا، ياغاچنىڭ قاتتىقى يوق (ماقال). * ئىتتىك پىچاق غىلىپىنى كېسەر (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
تېز، پات، چاپسان، ئىلدام. ئانتونىمى: ئاستا.
ئىتتىڭ ماڭ. * ئاغزى ئىتتىك، قولى ئىتتىك.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىتىك:
چىقىپ كەلدىم ئۇترۇ ئانىڭ قاشىغە،
ئىتتىك تىغ ئۇردۇم كېلىپ باشىغە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى سۈرئەت.
ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز. تېز قارار قىلغان تېز توۋا قىلار. پات بېرىپ، پات كەل. چاپسانغا بار، لايىپاسقا يوق. ئاسان كەلگەن چاپسان كېتەر. بەك ئىتتىك پالتا پات گاللىشار. گىجىڭ ئۈستىدىن ئىلدام گاداي ياخشى. ھاياسىز ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتقىن، خەيرلىك ئىش بولسا، ئىلدامراق چاپقىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىچاق، قېلىچ قاتارلىق تىغلارنىڭ كەسكۈرلۈكى، ياخشى كېسىدىغان.
قىلىچتەك ئۆتكۈر بولما، تاياقتەك قاتتىق بولما. ئۆتكۈر سۆز ئۆمگەننى تېشەر. ئىتتىك ئۇستىرا غىلىپىنى كېسىپ چىقار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تېز ۋە ياخشى كېسىدىغان، قىرقىيدىغان.
گال، ئۆتمەس
تېز ۋە ياخشى كېسەلمەيدىغان، قىرقىيالمايدىغان.
پىچاق ئۆتكۈر بولسا، ياغاچنىڭ قاتتىقى يوق. تىغدىن تىل ئۆتكۈر. ئىتتىك ئۇستىرا قىننى كېسەر. گال پىچاق گال خوتۇنغا باھانە. ئۆتمەس پىچاق قول كېسەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يۇقىرى سۈرئەت؛ قاتتىق ھەرىكەت.
ئاستا، ئاقىرىن
تۆۋەن سۈرئەت؛ بوش ھەرىكەت.
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان. ئالدىرىماڭ ئاستا كېلەر، تېڭىرقىماڭ تاڭلا كېلەر. ئاقىرىن يۈرسەڭمۇ يۈر، توختاپ قالما. ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز. تېز قارار قىلغان تېز توۋا قىلار. ئاسان كەلگەن چاپسان كېتەر. ئىتتىك ماڭغان تېز چارچار. يوغىنىغان دەرەخ ئىلدام سۇنىدۇ. مۇھەببەتنى بىلدۈرۈشتە كۆز سۆزدىن ئىتتىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىش - ھەرىكىتى، سۈرئىتى تېز، چاققان.
قولى ئىتتىك. ئىتتىك كەلمەك.
كەسكىن، جىددىي.
- ئەكبەر شۇجىنى سالماق دەپ ئاڭلىۋېدىم. ئىتتىك دەمدۇ قانداق؟
تېز سېتىلىدىغان، بازىرى بار، بېسىلىپ قالمايدىغان.
ئەمدى بىز باھاسى مۇۋاپىق، بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتلاردىن يۆتكەپ كەلدۇق.
كۆچمە. كېسىدىغان، كېسەلەيدىغان، ئۆتىدىغان.
ئىتتىك ئورغاق. ئىتتىك پىچاق.