Uyghur主要词典
ئىتتىكلەتمەك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سۈرئەتنى ئاشۇرماق، ئۆرلەتمەك.
ئاستىلاتماق، ئاقىرىنلاتماق
سۈرئەتنى تۆۋەنلەتمەك، پەسەيتمەك.
شوپۇر شەھەرگە كىرگەندە، سۈرئەتنى ئاستىلاتتى. قازاق يىگىت ئېتىنى ئاقىرىنلاتتى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ سۈرئىتىنى مۇۋاپىق تېزلىتىش كېرەك. بول، كەچ قالىمىز، قەدىمىڭنى چاپسانلات. ماشىنىنىڭ يۈرۈشىنى ئىتتىكلەتكەنسېرى چاڭ - توزانلار كۆپەيدى. ئىشىڭنى ئىلداملات، بۈگۈن تۈگىتەلمەي قالما يەنە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئىتتىكلىمەك> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
مەن بۇ يولدا كۆپ ماڭغىنىم ئۈچۈن قورقماي ھارۋىنى ئىتتىكلەتتىم.