Uyghur←Chinese主要词典
ئىسپانىيىدىكى 1808 - 1814 - يىلللاردىكى ئىنقىلاب
دۇنيا تارىخى
西班牙一八零八至一八一四年革命
xī bān yá yī bā líng bā zhì yī bā yī sì nián gé mìng
ئىسپانىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە فېئودالىزمغا قارشى بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1808 - يىلى ناپولېئون Ⅰ ئىسپانىيىگە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، ئىسپانىيە كورۇلى فېرناندو Ⅶ نى تۈرمىگە تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئاكىسى جوسېف بوناپارتنى ئىسپانىيىگە كورۇل قىلىپ تىكلىگەن. ئىسپانىيە خەلقى ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، جايلاردا ئىلگىرى - كېيىن يېڭى يەرلىك ھاكىمىيەت - <ھوندا> نى قۇرۇپ چىققان. مەركىزىي ھوندا مۇشۇ يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلۇپ، گراف فلورىدا بلانكا (1728 - 1808) باشچىلىقىدىكى بۇرژۇئازىيە ۋە ئەركىنلەشتۈرگۈچى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەربىي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ھەمدە ئەنگلىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. لېكىن ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى خەلق ۋە فرانسىيىگە قارشى پارتىزانلار قوشۇنىنىڭ كەڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بۇنىڭ بىلەن 1809 - يىلى 01 - ئايدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنى چاقىرىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبور بولغان ھەمدە ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى 1810 - يىلى 9 - ئايدا لېئون ئارىلىدا ئېچىلىپ، ئىككىنچى يىلى گادىسقا يۆتكەلگەن، 1813 - يىلى 3 - ئايدا ئاساسىي قانۇننى (تارىختا <1812 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن> ياكى <گادىس ئاساسىي قانۇنى> دېيىلگەن) ماقۇللىغان. لېكىن 1814 - يىلى فېرناندو Ⅶ تىرىلگەندىن كېيىن <1812 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن> بىكار قىلىنپ، ئىنقىلاب مېۋىسى ئۈزۈل - كېسىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.