Uyghur←Chinese主要词典
ئىسپانىيىدىكى 1868 - 1874 - يىللاردىكى ئىنقىلاب
دۇنيا تارىخى
西班牙一八六八至一八七四年革命
xī bān yá yī bā liù bā zhì yī bā qī sì nián gé mìng
ئىسپانىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى. كورۇلىۋا ئېسابىل Ⅱ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەستىدە، بۇرژۇئازىيىنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چەتكە قېقىپ، كەڭ نارازىلىقنى قوزغىغان. 1868 - يىلى 9 - ئايدا گادىس پورتىدىكى دېڭىز ئارمىيىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، ئۇزاق ئۆتمەي قوزغىلاڭ پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلاپ، كورۇلىۋانى ئىسپانىيىدىن ئايرىلىشقا مەجبور قىلغنا. چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە ئەركىنلەشتۈرگۈچى پومېشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوڭ قانت لىبېرالىستلار پارتىيىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. ئىككىنچى يىلى 6 - ئايدا، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، ئىسپانىيىنىڭ مونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت بولىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى، ئېتىقاد، مەتبۇئات، يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى بولىدىغنلىقىنى بەلگىلىگەن. 1870 - يىلى 11 - ئايدا، ئىتالىيە ساۋويىيە خاندانلىقىدىن ئامېدېئو (1845 - 1900) نى كورۇل قىلىپ تىكلىگەن. لېكىن خەلق داۋاملىق كۈرەش قىلغان، كارلوس تەرەپدارلىرىمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1872 - يىلى يېڭىۋاشتىن ئۇرۇش باشلىغان، 1873 - يىلى 2 - ئايدا ئامېدېئو تەختنى بوشىتىشقا مەجبور بولغان، پارلامېنت ئىسپانىيە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە بولىدۇ، دەپ جاكارلاپ، بۇرژۇئا جۇمھۇرىيەتچىلىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. كېيىن ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپ ە لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەت قۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. 7 - ئايدا فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىدىغان <مۇرەسسە قىلمايدىغانلار > جايلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شتاتلىق ھۆكۈمەتلەرنى قۇرۇپ چىققان. 1874 - يىلى 1 - ئايدا، ئەكسىيەتچىل گېنېراللار سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ھەربىي مۇستەبىتلىكنى يولغا قويۇپ، شتاتلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 12 - ئايدا ئىسابېلنىڭ ئوغلى ئالفونسو ⅩⅡ كورۇل بولغان. ئىنقىلاب بۇرژۇئازىيە بىلەن فېئودال كۈچلەرنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان.