Uyghur←Chinese主要词典
ئىسپانىيىدىكى 1834 - 1843 - يىللاردىكى ئىنقىلاب
دۇنيا تارىخى
西班牙一八三四至一八四三年革命
xī bān yá yī bā sān sì zhì yī bā sì sān nián gé mìng
ئىسپانىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي. 1833 - يىلى كارلوس ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، نائىب كورۇلىۋا ماىيە كرىستىنا ئۇرۇشتا بۇرژۇئازىيىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، 1834 - يىلى 1 - ئايدا چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە ئەركىنلەشتۈرگۈچى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۆتىدىلچىلەرنى كابېنت تەشكىل قىلىشقا تەيىنلەپ، 4 - ئايدا <ئىسپانىيە پادىاھلىقى ئاساسىي نىزامى> نى جاكارلىغان. خەلق كونسېرۋاتىپ پادىشاھلىق ئاساسىي نىزام ۋە مۆتىدىلچىلەر ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قانائەت قىلماي، 1835 - يىلى جايلاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 9 - ئايدا، ئوتتۇرا ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مېندىزابال كابېنت تەشكىل قىلىپ، بىر مۇنچە زور ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان، لېكىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، نائىب كورۇلىۋانى 1836 - يىلى 8 ـ ئايدا <1812 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن> نى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبور قىلغان ھەمدە تەرەققىيپەرۋەرلەردىن بولغان كالاتراۋا (1781 - 1847) نى كابېنت تەشكىللەشكە تەيىنلەپ، 1820 - 1823 - يىللىرىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە جاكارلانغان قانۇنلارنى يېڭىۋاشتىن يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت چاقىرغان. 1837 - يىلى پارلامېنت <1812 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن> بىلەن <پادىشاھلىق ئاساسىي نىزام> نى مادارا قىلىش ئارقىلىپ پۈتۈپ چىققان يېڭى ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىغان. يىل ئاخىرىدا، تەرەققىيپەرۋەرلەر يەنە ھۆكۈمەتتتىن سىقىپ چىقىرىلغان. 1840 - يىلى 10 - ئايدا، كرىستىنا خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، نائىب ھاكىمىيەت ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ، مەملىكەتتىن چىقىپ كەتكەن. تەرەققىيپەرۋەر گېنېرال ئېسپارتېرو باش ۋەزىر بولغان، ئىككىنچى يىلى 5 - ئايدا نائىب بولۇپ سايلانغان. 1843 - يىلى 7 - ئايدا، مۆتىدىلچىلەرنىڭ باشلىقى نارۋائېز ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەت يەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان.