Uyghur主要词典
ئېسىلزادىلەر يىغىنى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى كورۇل تەرىپىدىن چاقىرىلغان ئالاھىدە مەسلىھەت يىغىنى. چارلېس Ⅴ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى باشلانغان. بۇ يىغىن ئادەتتە دۆلەت قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئېچىلغان، بۇنىڭغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى كورۇل راھىبلار، ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەر ئىچىدىن تاللىۋالغان. 1787 - يىلى 2 -ئاينىڭ 22 - كۈنى، لۇئى ⅩⅥ ئېغىر مالىيە كرىزىسىغا دۇچ كەلگەندە مالىيە باش نازارەتچىسى كالون (1734 - 1802) نىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ۋېرسالدا ئېسىلزادىلەر يىغىنىنى ئاچقان. يىغىنغا جەمئىي 144 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان. كالون مالىيە ئىسلاھاتى لايىھىسىنى ئوتتۇرغا قويغان، بۇنىڭدا: ئالۋان - ياساقنى بىكار قىلىش، ئۆلكە پارلامېنتى تەسىس قىلىش، ئىمتىيازلىقلارمۇ ئاۋام خەلققە ئوخشاش باج تاپشۇرۇش، ئاشلىق ئەركىن سودىسىنى يولغا قويۇش، مەملىكەت ئىچىدىكى چېگرا باجنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن يەر بېجى ئېلىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ لايىھە ئىمتىيازلىقلار بىلەن پارىژ ئالىي سوتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 4 - ئايدا كالون خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېسىلزادىلەر يىغىنى يېپىلغان. كېيىن لۇئى ⅩⅥ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مالىيە باش نازارەتچىسى نىكنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىشنى جاكارلاشقا مەجبور بولغان، ھەمدە 1788 - يىل 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە يەنە بىر قېتىم ئېسىلزادىلەر يىغىنى چاقىرىلىپ، 1789 - يىلى ئېچىلىدىغان ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ۋەكىللەر سانى ۋە سايلاش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلنغان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي پارتلىغاندىن كېيىن بۇ يىغىن ئېچىلمىغان.