Uyghur主要词典
ئېسىللىك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەبىئىتى، خۇلقى - مىجەزى يۈكسەكلىك، ئېسىل خىسلەتلىك.
پەسلىك، پەسكەشلىك، رەزىللىك، نەسلىك
تەبىئىتى، خۇلقى - مىجەزى ئوسال، كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىش - ھەرىكەت.
ئېسىللىك نەسىلدىن ئەمەس. ئالىيجانابلىق كىيىمدە ئەمەس، ئەخلاقتا. پەسلىكتە كامال، رەزىللىكتە ئىمان يوق. پەسكەشلىك قىلىپ ياشىغاندىن ئوچۇق - يورۇق ئۆلگەن ئەلا. ئاجىزنى بوزەك قىلغاندىن ئارتۇق رەزىللىك يوق. نەسنى نەسلىك باسسۇن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياخشى ئىش - ھەرىكەت، ياخشى خىسلەت.
يامانلىق، ئەسكىلىك، ياۋۇزلۇق
يامان ئىش - ھەرىكەت، يامان ئىللەت.
ياخشىلىقنى بىلمىگەن كىشىدىن ياخشىلىقنى بىلگەن كۈچۈك ئارتۇق. يامانلىق تېرىغاننى يامانلىق ئۇرار. ئادەم ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس. يامانلىققا يامانلىق، ياخشىلىققا ياخشىلىق. تەمەخورلۇق ھەممە ئەسكىلىكنىڭ ئەسكىسى. ئەزگۈدىن ئەزگۈلۈك كېلەر، ياۋۇزدىن ياۋۇزلۇق. ياخشىلىقىڭ تەگكەن كىشىنىڭ ياۋۇزلۇقىدىن ساقلان. ياخشىلىق قولۇڭدىن كەلمىسە، يامانلىق قىلما. بۇمۇ ياخشىلىق.