Uyghur主要词典
ئېشەك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مىنىدىغان، ھارۋىغا قاتىدىغان ئىش ھايۋىنى، خوتەك.
ئېشەكچى. * ھاڭگا ئېشەك، ماددا ئېشەك، ياۋا ئېشەك. * ئېشەك ھارۋىسى. * ئېشەك مەدىكى، ئېشەك يىلىمى، ئېشەك قۇرتى. * ئېشەك ئېشەكتىن قالسا، قۇلىقىنى كەس (ماقال).* ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى (ماقال). * ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە (ماقال).
ئۆزىنى دانا بىلگەن ئۈچ - تۆت نادان،
ئېشەك تەبىئىتىن قىلار نامايان.
ئۇلار سۆھبىتىدە سەنمۇ ئېشەك بول،
بولمىسا، كاپىر دەپ قىلىشار ئېلان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سېرىقئېشەك، چايان.
ئېشەك چاقماق. * ئېشەك چاققان يەرگە ئېشەك مېيى دورا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توم تۇياقلارغا مەنسۇپ، قۇلاقلىرى ئۇزۇن، سۈت ئەمگۈچى ئىش ھايۋىنى؛ ئۆتۈپ كەتكەن نادان، ئەخمەققە تەمسىل.
دەردى يوق ئېشەك، ئىشقى يوق كېسەك. ئۆزىنى دانا بىلگەن ئۈچ - تۆت نادان، ئېشەك تەبىئەتتىن قىلار نامايان؛ ئۇلار سۆھبىتىدە سەنمۇ ئېشەك بول، بولمىسا،< كاپىر> دەپ قىلىشار ئېلان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<زوئول> سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. شەكلى ئاتقا ئوخشايدۇ، ئەمما ئاتتىن كىچىكرەك. بېشى يوغان، قۇلىقى ئۇزۇن، پاچاقلىرى ئىنچىكە، مەيدىسى تارراق، قۇيرۇقىدا تۈكلىرى بولىدۇ. ئادەتتە مىنىش، يۈك توشۇش قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئۆيدە بېقىلىدۇ.
ياۋا ئېشەك. ئېشەك ھارۋىسى.
كۆچمە. ھايانى بىلمەيدىغان ئادەم (بىھايا كىشىلەر ھەققىدە).
بوۋاي دەرغەزەپكە كېلىپ: - ھۇ ئېشەك، چىق ئۆيدىن!... - دېگىنىچە ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ ئىشەككە ئارتىلىدىغان يۈكنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ: - لېكىن تاغ تېشىشتىن ئىش چىقارمىسا، 50 ئېشەك ئوتۇن پۇلىغا زىيان - دە، زىيان، - دەپ گېپىنى تۈگەتتى.