Uyghur主要词典
ئىرق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يىلتىز، تومۇر:
چۇن رىيائىي سوفىلەر شەيخنىڭ ئىلتىفاتىن بۇ مەرتەبەدە ئانىڭ جانىبى كۆردىلەر، ھەسەد ئىرقلەرى ھەرەكەتفە كېلىپ، ۋەتق پادىشاھىغە يەتكۈردىلەر.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يىلتىز(دەرەخنىڭ؛ تومۇر)بەدەننىڭ(.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پال، رەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىتاب ئېچىش، تاش - قۇمىلاق سېلىش يولى بىلەن كىشىنىڭ ھال - ئەھۋالى ، كەلگۈسىنى بىلىدىغان ساختا بېشارەت.
پالغا ئىشەنمە، پالسىز يۈرمە. ئالدامچىنىڭ رېمىدىن، ئۆزۈڭنىڭ خىيالى دۇرۇس. تۆلگە ئاچتۇردۇم، تۈگمەنگە بارىسەن، _ دېدى. قۇرئىدىن چىققار گەپكە ئىشەنمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورتاق مەنبەسى ۋە ئورتاق ئىرسىيەت خۇسۇسىيىتى بولغان كىشىلەر توپى.
دۇنيادا ئاساسلىقى نېگىر - ئاۋسترالىيە ئىرقى يەنى قارا تەنلىكلەر، موڭغۇل ئىرقى، يەنى سېرىق تەنلىكلەر، ياۋروپا ياكى كاپكاز ئىرقى يەنى ئاق تەنلىكلەر بار. ئىرقچىلىققا، ئىرقىي كەمسىتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ئىشارەت؛ ② پالچى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
نەسىل، زات.
تەن تۈزۈلۈشى جەھەتتە مەلۇم ئورتاق ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكلىرى )مەسىلەن، تېرە، چاچ رەڭگى، چاچ شەكلى، كۆز رەڭگى، قان ئايرىمىسى قاتارلىق( گە ئىگە بولغان ئادەملەر توپى، بۇ ئالاھىدىلىكلەر بەلگىلىك رايوندا ئۇزاق مۇددەت تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش جەريانىدا شەكىللەنگەن. بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلار موڭغۇل ئىرقى، نېگىر ئىرقى ۋە ياۋروپا ئىرقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىرققا بۆلۈنىدۇ. ئىرققا ئايرىش جەھەتتە، ئاساسەن رەڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئىنسلانلارنى سېرىق تەنلىك، قارا تەنلىك، ئاق تەنلىك ۋە قوڭۇر تەنلىك دەپ ئايرىش ئۇسۇلىمۇ بار.