Uyghur主要词典
ئىرغىتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولىدىكى نەرسىنى قولدىن نېرىغا كەتكۈزمەك.
«جىغىماق» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
توپقا قاراپ تاش ئاتما. تاش ئاتقانغا ئاش ئات. ئاچلىقتىن ئۆلسەڭ ئۆل، ئاتا - ئاناڭنى تاشلىما. توپنى ماڭا چۆرۈ. تاشنى ئىرغىرىپ ئويناش خەتەرلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئىرغىماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
شەۋكەت تىلىنى <ماقۇل> غا ئۆمەللەۋاتقاندا، ئانار بىر نەرسىدىن ئەندىككەندەك، بېشىنى غەلىتە ئىرغىتتى.
چۆرۈپ تاشلىماق، كۆتۈرۈپ ياكى پىرقىرىتىپ ئاتماق.
لەيلىگۈل بېشىنى سىلكىپ، يوغان ئىككى ئۆرۈم چېچىنى ئىرغىتىپ كەينىگە تاشلاپ كۆك كۆز كىشىگە قاراپ نېمىدۇر دېمەكچى بولدى.