Uyghur主要词典
ئىرقى ئايرىمىچىلىق قانۇنى
领域: دۇنيا تارىخى<گۇرۇھلارنىڭ رايونلار بويىچە ئولتۇراقلىشىش قانۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەڭلىك ئىرقلارنى كەمسىتىش ۋە زۇلۇم سېلىشتىكى قانۇن لايىھىسى. 1950 - يىلى 5 - ئايدا ماقۇللانغان. 1951 - يىلى 3 - ئايدا رەسمىي يولغا قويۇلغان. مەزكۇر قانۇندا ياۋروپالىقلار، ھىندىلار بىلەن شالغۇتلار، ئافرىقىلىقلار رايونلار بويىچە ئايرىۋېتىلگەن. ئاھالىنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىنغان ياۋروپالىقلار 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق زېمىننى ئىگىلىۋالغان. رەڭلىك ئىرقلارنىڭ ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن ئېچىلغان مېھمانخانا، ئاشخانا، كىنوخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىشىگە يول قويۇلمىغان. ئاق تەنلىك ئىشچىلار بىلەن رەڭلىك ئىرقتىكى ئىشچىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرغان بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئىش ھەققىمۇ زور دەرىجىدە پەرقلەنگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。