Uyghur主要词典
ئىپاركېيىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىپار + كېيىك
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. شەكلى كېيىككە ئوخشايدۇ، ئەمما سەل كىچىكرەك، مۈڭگۈزى يوق، ئالدى پۇتى قىسقا، ئارقا پۇتى ئۇزۇن، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ. قۇيرۇقى قىسقا بولىدۇ. تۈكلىرى توق قوڭۇر ياكى كۈل رەڭگە مايىل قوڭۇر كېلىدۇ. ئەركىكىنىڭ قوزۇق چىشى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئېغىز سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ. كىندىكى بىلەن كۆپىيىش ئەزاسى ئوتتۇرىسىدا بەز خالتىسى بولۇپ، ئىپار ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.