Uyghur主要词典
ئىپار كېيىك
بىئولوگىيە
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ جۈپ تۇياقلىقلار ئەترىتى، بۇغىلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بەدەن ئۇزۇنلۇقى 80 - 90 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 10 كىلوگرام، ئالدى پۇتى قىسقا، كەينى پۇتى ئالدى پۇتىدىن ئۈچتىن بىردىن تۆتتىن بىرگىچە ئۇزۇن، تۆت بارماقلىق، ئوتتۇرىدىكى بىر جۈپى چوڭراق. قۇلىقى ئوزۇن ھەم تىك، قۇيرۇقى قىسقا، كۆزى چوڭ، ئەركەك - چىشىلىرىنىڭ ئىككىلىسىدە مۈڭگۈز بولمايدۇ. بەدىنى قوڭۇر، دۈمبىسى تۆۋەنرەك بولۇپ، بەزىلىرى كۈل رەڭ - قوڭۇر رەڭلىك، ئانچە ئېنىق بولمىغان توپا رەڭ يوللىرى ۋە داغ چېكىتلىرى بولىدۇ. ئەركەك ئىپار كېيىكنىڭ قوزۇق چىشى تەرەققىي قىلىپ ھىڭگاڭ چىشىنى شەكىللەندۈرگەن. كىندىكى بىلەن كۆپىيىش تۆشۈكى ئارىلىقىدا ئىپار بېزى بولۇپ، كۈيلەش پەسلىدە ئالاھىدە چوڭىيىدۇ. قورام تاشلر كۆپ بولغان يىكنە يوپۇرماقلىق ئورمانلار ياكى يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخلەر بىلەن كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەر ئارىلاش ئۆسكەن ئورمانلاردا ياشايدۇ، ئادەتتە كېچىسى چىقىپ كۆك ئوت، مۇخ قاتارلىقلارنى يەيدۇ، مۇقىم ئورنى بولىدۇ. خۇسۇسىيىتى قورقۇنچاق، يالغۇز يۈرۈشنى ياقتۇرىدۇ، توپلاشمايدۇ. جىنسى 5.1 ياشتا يېتىلىدۇ. ھەر يىلى 5 ~ 6 - ئايلاردا كۆپىيىدۇ، ھەر نۆۋەت بىردىن تۇغىدۇ. ئەركىكى يېتىلگەندىن كېيىن ئىپار ھاسىل قىلىدۇ. ئۈچ ياشتىن ئاشقانلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ئەڭ كۆپ، ئوۋلاپ تۇتۇلغان ئىپار كېيىكىدىن ئېلىنغان پۈتۈن ئىپار خالتىسىنىڭ شەكلى شارسىمان ياكى يېسى يۇمىلاق بولۇپ، دىئامېتىرى 3 - 5 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ سۈنئىي بېقىلغان ئىپار كېيىكلىرىگە تىرىك تۇرغۇزۇپ ئىپار ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ھەر يىلى 1 - 2 نۆۋەت ئېلىشقا بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدە شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، گەنسۇ، شەنشى، خېنەن، خۇبېي، ئەنخۇينىڭ شىمالىي قىسمى ھەم سىچۇەن قاتارلىق جايلارنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىن ھەمدە روسىيىدىكى سىبىرىيە ھەم چاۋشيەن، ياپونىيە قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. ئىقتىسادىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا، تېرىسىدىن خۇرۇم ئىشلەشكە بولىدۇ. ئىپار بولسا، مەشھۇر قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى ۋە ئالىي دەرىجىلىك پۇراق ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇن قالايمىقان ئوۋلاش تۈپەيلىدىن سانى بەكمۇ ئازلاپ كەتكەن، شۇڭا مۇۋاپىق ئوۋلاش بىلەن بىرگە ئىپار كېيىكنى سۈنئىي بېقىشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر.