Uyghur主要词典
ئىپار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېيىك، بېلىق قاتارلىق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنىدىغان خۇش پۇراق ماددا ۋە ئۇنىڭ پۇرىقى.
ئىپارنى ئوراپ قويسىمۇ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. زەپەر زەردىن ئېسىل. مىشىك مەردنىڭ قولىدا بولسۇن. ئەگەر ئەخمەق دېسە ئەنبەرنى گەندەدۇر، بولما ھەيران، ئەقلى ۋەيرانىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىپار كېيىكنىڭ كىندىكىدىن، بەزى كالىلارنىڭ جىنسىي بېزىدىن ئېلىنىدىغان خۇش پۇراقلىق ماددا.
ئىپارنىڭ شىپالىق رولى زور.
شۇ ماددىنىڭ خۇشبۇي ھىدى، پۇرىقى.
مۇزلار ئېرىپ، كېتىپ قار، يېتىپ كەلدى گۈلباھار. زەپ ياساندى تەبىئەت، چاچتى گۈللەر خۇش ئىپار.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
ئىپارخان، ئىپارگۈل، ئىپارقىز
كېيىكنىڭ كىندىكىدىن ئېلىنىدىغان خۇش پۇراق قان. (بۇ يەردە ئىپاردەك خۇش پۇراق دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
خۇشپۇراق قىز. باشقا شەكىللىرى: ئىپارگۈل، ئىپارخان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئېگىز تاغلاردا ياشايدىغان بىر خىل ئالاھىدە كېيىكنىڭ كىندىكىدىن ئېلىنىدىغان قىممەتلىك، خۇش پۇراق دورا ماتېرىيالى.