Uyghur主要词典
ئوتوپىيە سوتسىيالىزمى
دۇنيا تارىخى
يەنى <خىيالىي سوتسىيالىزم>. ئوتوپىيە دېگەن ئاتالغۇ ئەسلى گرېكچىدىن كەلگەن بولۇپ، <يوق زېمىن> دېگەن مەنىدە. خىيالىي سوتسىيالىزمچى توماس مور يازغان <ئوتوپىيە> دېگەن كىتابتا ئويدۇرۇپ چىقىلغان غايىۋى ئارالنىڭ ئىسمى بولۇپ، كېيىن <خام خىيال> دېگەن سۆزگە مەنىداش بولۇپ قالغان.