Uyghur主要词典
ئوتومولار
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅴ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە، ياپونىيىدىكى چوڭ جەمەت. ئۇنىڭ باشلىقى ياماتو ئوردىسىدا ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان، مۇتسۇبىلارغا ئوخشاش <دايرىن> دەپ ئاتالغان. ئوتومو كانېمۇراجوزى بەگلىكى (ھازىرقى كىۇسىيۇ) دىكى ئىۋاي توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتنىشىپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن خان ئوردىسىدا ئالدىنقى ئورونغا ئىگە بولغان. كېيىن چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسەت تۈپەيلىدىن موتسۇبى ئوكوشىنىڭ پاش قىلىشى ئارقىسىدا مۇھىم ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان، مەزكۇر جەمەت زەئىپلىشىپ كەتكەن. رېنشىن توپىلىڭى (مىلادى 672 - يىلى) دا تېننونىڭ ئوغلى ئومىتوكىيو (كېيىن تەختكە چىققاندا تەڭرى خان تېنمو) غا بېقىنغان. ئوتومو ياسۇمارو، ئوتومو تابىتولار (665 - 731) ئارقا - ئارقىدىن يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىپ، بۇ جەمەت يەنىلا گۈللىنىپ كەتكەن. ئوتومو ئىموس (تەخمىنەن 718 - 785) شەرققە يۈرۈش قىلغۇچى سانغۇن بولغان. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۇزۇخارا تانېتسۇگۇن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى پاش بولۇپ، تېننو خۇەنۋۇ سىياگۇن دېگەن ئۇنۋانىنى ئىلىپ تاشلىغان. ئوتومو ئىموس شېئىر يېزىشقا ئۇستىراق بولۇپ، <يوپۇرماقلار توپلىمى> نى تۈزۈشكە تۆھپە قوشقان. 821 - يىلى تېننونىڭ ئوغلى ئوتومو (كېيىن تېننو دۇنخې) دىن پەرھىز قىلىپ تومورلا قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 866 - يىلى ينتيەنمېنغا ئوت كەتكەندە، توموزېنو (809 - 868) ئۇنىڭغا چېتىلىپ سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ جەمەت ئاخىر خارابلاشقان.